2008年9月20日星期六

ياشلارغا 75 نەسىھەت

ياشلارغا 75 نەسىھەت دارۇلقاسىم ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق» ئايىتىنى نازىل قىلغان جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمەن. «سىلەرگە ئاللاھدىن قورقۇشقا، بۇيرىقىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا نەسىھەت قىلىمەن» ھەدىسى ئارقىلىق نەسىھەت قىلغان ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. تەقۋالىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرىغانلىرىنى بىجانىدىل ئۇرۇنداش، توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىدۇ. ئىبادەت، مۇئامىلە، ئەدەب- ئەخلاق ۋە ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردىكى بۇ قىممەتلىك ئىسلامىي نەسىھەتلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. جانابى ئاللاھنىڭ بۇ نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۇقۇغانلارغا مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى، بۇنى يازغان، تارقاتقان ۋە بۇلارغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجىر ۋە ساۋابلىرىنى قاتمۇقات زىيادە قىلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» نەسىھەتلەر تۆۋەندىكىچە: 1- نىيىتىڭنى ئاللاھقا خالىس قىلغىن، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىڭدە رىيادىن ساقلانغىن. 2- ئەدەب- ئەخلاق، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكىن. 3- ئاللاھتىن قورققىن، بۇيرىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا، توسقان ھەممە ئىشنى تاشلاشقا بەل باغلىغىن. 4- ئاللاھقا سەمىمىي رەۋىشتە تەۋبە قىلغىن، كۆپلەپ ئىستىغپار ئېيتقىن. 5- ئاللاھ تائالا پۈتۈن ھەرىكەت ۋە سۈكۈناتلىرىنڭنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، بىلگىنكى، ئاللاھ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ، قەلبىڭدە يۇشۇرغانلىرىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ. 6- ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق- يامانلىقنىڭ تەقدىر بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتقىن. 7- باشقىلارنى قارىغۇلارچە دورىمىغىن، ماقۇلجان بولمىغىن. 8- ياخشى ئىشلارنى بىرىنچى بولۇپ قىلىۋېلىشقا تىرىشقىن، ساۋابقا ئېرىشىسەن ۋە سەندىن ئۆگىنىپ ئۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ساۋابىغىمۇ نائىل بولىسەن. 9- «ياخشىلارنىڭ باغچىسى» ۋە «زادۇل مەئاد» قاتارلىق كىتابلارنى ئۆزەڭمۇ ئوقۇغىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرگە ئوقۇپ بېرىشكە ئادەتلەنگىن. 10- تاھارەت بىلەن يۈرۈشكە ۋە ئۇنى يېڭىلاپ تۇرغىن، ھەمىشە نىجاسەت ۋە ناپاك نەرسىلەردىن يىراق تۇرغىن. 11- نامازلىرىڭنى - خۇسۇسەن بامدات ۋە خۇپتەننى- دەسلەپكى ۋاقىتىدا جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بول. 12- ئۆزەڭگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىك ئۈچۈن سامساق ۋە پىيازغا ئوخشىغان پۇرىقى ناچار نەرسىلەرنى يىمىگىن، تاماكۇ چەكمىگىن. 13- تېگىشلىك ئەجىرگە ئېرىشىش ئۈچۈن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى چىڭ تۇتقىن. 14- پەرز زاكاتنى ئادا قىلغىن، ئۇنى زاكات ئېلىشقا ھەقلىق كىشىلەرگە بىرىشتە بېخىللىق قىلمىغىن. 15- جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بارغىن، ئىككىنچى ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىگىنكى، گۇناھكار بولۇپ قالمىغىن. 16- ئاللاھنىڭ ئىلگىرى- كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈن، رامىزان روزىسىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتقىن. 17- رامىزان كۈنلىرى شەرئىي سەۋەبىڭ بولماستىن روزىنى بۇزۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن، چۈنكى ئۇنداق قىلساڭ گۇناھكار بولۇپ قالىسەن. 18- ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن رامىزان كېچىلىرى، بولۇپمۇ شەبى قەدىر كېچىسى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەتكە تۇرغىن. 19- تاقىتىڭ يېتىدىغانلا بولسا ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەيتىگە بېرىشقا ئالدىرىغىن، كېچىكتۈرۈشتىن ساقلانغىن. 20- قۇرئان كەرىمنى مەنىلىرىنى ھەققىدە ئويلانغان ھالدا ئوقۇغىن، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدا سەن ئۈچۈن ھۆججەت ۋە شاپائەتچى بولۇشى ئۈچۈن بۇيرىغانلىرىنى ئادا قىلغىن، توسقانلىرىدىن يىراقلاشقىن. 21- مەيلى ئۆرە تۇرغان بول مەيلى يانپاشلىغان بول ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالدا بولسۇن ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، غەپلەتتە قېلىشتىن ساقلانغىن. 22- ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە سۆز بولىدىغان سورۇنلارغا قاتناشقىن؛ چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ باغچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. 23- كۆزۈڭنى ئەۋرەتلەردىن، ھارام نەرسىلەردىن ساقلىغىن، ھارام نەرسىلەرگە كۆز تاشلاپ تۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن، ھارامغا تاشلانغان كۆز ئىبلىسنىڭ ئوقيالىرىنىڭ بىرىدۇر. 24- كىيىملىرىڭنى ئوشۇقۇڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈرمىگىن، ھاكاۋۇرلارچە مېڭىشتىن ساقلانغىن. 25- ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان يىپەك ۋە ئالتۇن نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمىغىن. 26- ئاياللارغا ئوخشىۋالمىغىن، ئاياللىرىڭنىمۇ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشقا چاقىرمىغىن. 27- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بۇرۇتلارنى قىسقارتىپ، ساقاللارنى قويۇپ بېرىڭلار» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن ساقىلىڭنى قويۇپ بەرگىن. 28- دۇئايىڭنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن ھالال يېگىن، ھالال ئىچكىن. 29- يىمەك- ئىچمەككە باشلىغاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغىن، يەپ- ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتقىن. 30- ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن، ئىچكىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالغىن ۋە بەرگىن. 31- زۇلۇم قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلە، زۇلۇم قىيامەت كۈنىسى ھەقىقەتەن نۇرغۇن زۇلۇملارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. 32- مۆمىنلەردىن باشقىلار بىلەن دوستلاشما، تائاملىرىڭنى تەقۋادارلاردىن باشقىلار يېمىسۇن. 33- پارا ئېلىش، بېرىش، ۋاسىتە بولۇشلاردىن ھەزەر ئەيلە، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۇ مەلئۇندۇر. 34- ئاللاھنى نارازى قىلىش بەدلىگە ئىنسانلارنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىمىگىن، ئاللاھ ساڭا غەزەپ قىلىدۇ. 35- يوللۇق ئىشلاردا مەسئۇللارغا ئىتائەت قىلغىن ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغىن. 36- يالغان گۇۋاھلىق بىرىشتىن ھەزەر ئەيلە، شاھىدلىقىڭنى يوشۇرما. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. اﷲ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر.[ [سۈرە بەقەرە، 283-ئايەت] 37- ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىغىن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ](كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)[ [سۈرە لوقمان، 17-ئايەت] ياخشىلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان بارلىق ئىشلاردۇر، يامانلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى توسقان بارلىق ئىشلاردۇر. 39، 38- چوڭ- كىچىك بارلىق ھارام ئىشلارنى تاشلىغىن، ئاللاھقا ئاسىلىق قىلمىغىن، بىرسىنىڭ ئاللاھقا ئاسىلىق قىلىشىغىمۇ ھەمدەم بولمىغىن. 40- زىناغا يېقىنلاشمىغىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.[ [سۈرە ئىسرا، 32-ئايەت] 41- ئاتا- ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنى قاقشاتمىغىن. 42- ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭغا سىلە- رەھىم قىلغىن، ئۇلارنى تاشلىۋېتىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن. 43- خوشناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇنى رەنجىتمىگىن، ئېغىرلىقلىرىنى كۆتۈرگىن. 44- ياخشى كىشىلەرنى ۋە ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلىرىڭنى كۆپلەپ زىيارەت قىلغىن. 45- ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگىن، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرگىن. ئەنە شۇ ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسىدۇر. 46- ياخشى سورۇنلارغا قاتناشقىن، يامان كىشىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشتىن ساقلانغىن. 47- مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشىپ بىرىشكە ئالدىرىغىن، ئۇلارنى مەمنۇن قىلغىن. 48- سىلىق- سىپايە، مۇلايىم بولغىن، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە قۇپاللىقتىن ساقلانغىن. 49- باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەستىن، ياخشى قۇلاق سالغىن. 50- تۇنۇيدىغان ۋە تۇنۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام بەرگىن. 51- سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرگىن، قولۇڭ ۋەياكى بېشىڭ بىلەن ئىشارەت قىلىپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلمىغىن. 52- كىشىلەرنى تىللىمىغىن ۋە ناچار سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمىگىن. 53- بىرسىگە - ھەتتا ئۇ ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك بولغان تەقدىردىمۇ- لەنەت ئۇقۇمىغىن. 54- چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى بولغان كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىش ۋە ئىپپەتلىرى خۇسۇسىدا ئەيىبلەشتىن ھەزەر ئەيلىگىن. 55- كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ تۇشۇپ، سۈخەنچىلىك قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگىن. 56- غەيۋەتتىن ساقلانغىن. غەيۋەت- قېرىندىشىڭنى ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەر ئارقىلىق تىلغا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. 57- مۇسۇلماننى قورقۇتما ۋە ئۇنى رەنجىدە قىلما. 58- كشىلەرنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشقا تىرىشقىن. بۇنداق قىلىش ئەڭ ياخشى ئەمەللەر قاتارىغا كىرىدۇ. 59- ياخشى سۆزلەرنى قىل، ياخشى سۆزۈڭ بولمىسا سۈكۈت قىلغىن. 60- راستچىل بول، يالغان ئېيتما. يالغان ئىنساننى گۇناھ، گۇناھ بولسا دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. 61- بىرىگە ئۇنداق، بىرىگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى بولما. 62- ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلما. راسىت بولغان تەقدىردىمۇ كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلان. 63- باشقىلارنى پەس، تۆۋەن كۆرمە. ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت تەقۋالىق ئارقىلىقلا ئۆلچىنىدۇ. 64- كاھىن، سېھرىگەر، داخان، پېرىخۇنلارنىڭ قېشىغا بارمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىگىن. 65- ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى تارتمىغىن، قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلار رەسىمگە تارتقۇچىلاردۇر. 66- ئۆيۈڭگە جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى ئاسمىغىن. پەرىشتىلەرنىڭ ئۆيۈڭگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان بولىسەن. 67- چۈشكۈرگەن ئادەم ئەگەر «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېگەن بولسا سەنمۇ «يەرھۇمۇكەللاھ» دېگىن. 68- ئىسقېرتىش ۋە چاۋاك چېلىشتىن ساقلانغىن. 69- بارلىق گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغىن، يامانلىق قىلغان بولساڭ ئارقىدىن ياخشىلىق قىلغىن، يامانلىقنى ئۈچۈرۈپ تاشلايدۇ. تەۋبىنى كېچىكتۈرۈشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگىن. 70- ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىنى، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغىن. ئاللاھ بارىسىدا ياخشى گۇماندا بولغىن. 71- ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورققىن، خاتىرجەم بولۇپ كەتمىگىن. 72- بالا- قازاغا دۈچ كەلگەندە سەۋرچان قىلغۇچى، باياشاتلىقىڭدا شۇكۇر قىلغۇچى بولغىن. 73- مەسچىت سېلىش، ئىلىم ئۆگىتىشكە ئوخشىغان ئۆلۈمىڭدىن كېيىنمۇ ساڭا ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلغىن. 74- ئاللاھتىن جەننەت ئاتا قىلىشىنى، دوزاختىن ساقلىشىنى تىلىگىن. 75- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىق كۆپلەپ دۇئا ۋە سالام يوللىغىن. تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقى ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

ئۇلىنىشلىرىم

http://alnidaislami.blogbus.com/
www.xahadat.15150.com

ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن

ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن
بىر ئەر بىلەن بىر ئايال قوشۇلۇپ ئاندىن بىر ئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەختلىك ئائىلىلەر ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما بەختسىز ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىكى ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئەرلەرنىڭ زادى قانداق ئايالنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ تاللىشىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى شۇ ئەرنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ياردەمچى كاتالېزاتور بولالايدۇ. ھەمدە ئېرى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى قوللايدۇ. ئەمما بەزى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئەرنى يەر قىلىدىغان خاراكتېرى ناچار 10 خىل ئايال  ئىنتايىن ئاچكۆز ئاياللار: ئەرلەر نەپسى يامان ئاياللارنى ئالغاندىن كىيىن، قانداق قىلسام ئايالىمنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى قاندۇرالايمەن دەپ خىيالغا پېتىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق خىيالدا بولىدىغان ئەرلەر ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.  كۆز يېشىنى ۋاستە قىلىدىغان ئاياللار: ئەرلەر ئايالىنىڭ ياكى سۆيگىنىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگەندە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ھەتتا كېتىدۇ، ئارقىدىنلا ئايالىغا يول قويىدۇ. ئۆز پىكىرىدىن ياكى پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە بويسۇنىدۇ. ھەمىشە مۇشۇنداق كۆز يېشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ئەرلەرنى مەجبورى بويسۇندۇرىدىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ.  ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشۋالىدىغان ئاياللار: بۇ خىل ئاياللار ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايىش قىلىپ، ھەمىشە ئېرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدۇ.  غەيۋەتخور ئاياللار: ئەرلەرنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ناھايىتى تەس. ئۇلار دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، بارغانلا يەردە باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدۇ. دائىم ئۆزىنىڭكىنى يوللۇق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەرلەر قاراپ ئۈمىدسىزلىنىدىغان ئاياللار: ئەرلەر ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي روھى چۈشۈپ كەتكەندە ھەمىشە ئايالىنىڭ سەمىمىي ئىلھام بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناۋادا ئەر بۇختۇرما بولۇپ، پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ئايالنىڭمۇ ئېرىغا ئوخشاش روھى چۈشۈپ كەتسە، ئەرنىڭ روھى تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. ھەتتا چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ.  ئېرىنى كونتىرول قىلىۋالىدىغان ئاياللار: بەزى ئاياللار ئائىلىدە خوجايىن بولۇۋېلىپ، ھەر ۋاقىت ئېرىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ. ئېرىنى ئۆزىنىڭ قۇلى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرۈلمەيدىغان قىلىپلا قويماستىن، يەنە روھىي جەھەتتىن ئازاپلايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ھىچقانداق سەۋەپسىزلا ئېرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.  ئېرىگە تولىمۇ ئامراق ئاياللار: بۇ خىل ئاياللار ھەر ۋاقىت ئېرىنى كونتىرول قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئېرىگە بەك ئامراقلىق . بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا مۇستەققىل ئىنسانىي غورۇرى بولمايدۇ. ئېرىنىڭ گېپىنىلا ئاڭلايدۇ. قارىغۇلارچە ئېرىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، نەتىجىدە ئېرىگىمۇ ۋە ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. 
كۈن بويى قايغۇرۇپ يۈرىدىغان ئاياللار: غەم - قايغۇدىن قۇتۇلالماي ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ يۈرىدىغان ئاياللار ئەرلەرگە بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. مەيلى سىز ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىڭ ياكى نەسىھەت قىلىڭ. ئۇ ھەمىشە بۇ دۇنيا قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك، كىشىلەر قورقۇنچلۇق، مەن بىر بەختسىز ئايال دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق كەيپىياتى ئەرلىرىنى روھسىزلاندۇرۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ياخشىپۇرسەت كەلسىمۇ ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.  ئاقساقاللىق قىلىشقا ئامراق ئاياللار: بەزى ئاياللار ھەمىشە ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، ئېرىگە دائىم قاملاشمىغان ئەقىللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەرلىرىدىن يوشۇرۇن بەزى بولمىغۇر ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ئىش ھامان ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىپ ئەرلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئېرىگە ياردەم بېرىمەن دەپ ئېرىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خىل ئاياللار خۇددى ئەركە - نايناق قىلىپ كاردىن چىقىرىلغان بالىلاردەك مۇستەققىل ھالدا بەزى ئىشلارنى مەڭگۈ ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. كۈندەشلىكى بەك قاتتىق ئاياللار: مۇھەببىتى ياكى يېڭى توي قىلغان قىز بولىشىغا قارىماي، بەزىدە كۈندەشلىك قىلىپ ئۆزىنى ئوماق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندەشلىكى ئارقىلىق ئەرلەرگە ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، شېرىن مۇھەببىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ قاتتىق كۈندەشلىك قىلىشى ئەڭ قورقۇنچلۇق. بۇ خىل ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.
ئەرنى ئەر قىلىدىغان خاراكتېرى ياخشى 10 خىل ئايال: )دوستلارنىڭ بۇنداق ئاياللانى بايقاپ ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن( دىققەت قىلىش ۋە كۆزىتىش قابىلىيىتى ناھايىتى يۇقىرى ئاياللار: ئۇلار ئەرلىرىنىڭ بەزى ئىشلىرىدىن كۆڭلىدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ناۋادا سىز خۇشال بولغاندا سىز بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنالايدۇ. سىز تىل قىسىنچىلىقتا قالغىنىڭىزدا، ھەرىكىتىڭىزدىن ئۇنى بايقاپ سىزگە تەسەللىي بېرەلەيدۇ. ئىدارىڭىزدىكى بەزى ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلماڭ دەپ سىزگە مېھرىبانلىق ۋە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ.  نىيىتى ياخشى ئاياللار: ئالدى بىلەن ئۇ سىزدە ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ. باشتىن - ئاخىر ئۇ سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى دەپ قارايدۇ. سىزگىلا ئەمەس بەلكى خۇلۇم - خوشنا، ئەل - ئاغىنە، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىزغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇلۇم - خوشنا، ئەل - ئاغىنىلىرىڭىز ئۇنى ماختايدۇ. سىزنىمۇ ھۆرمەتلەپ ئۆزىگە ئوخشاش كۆرىدۇ.  تەبىئىي گۈزەل ئاياللار: ئۇ باشقا ئاياللاردەك ئۆزىنى پەدازلاپ، باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشنى ئويلايدىغان ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى قوغلاشمايدۇ. شۆھرەتپەرەسلىكنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن ئۆزىنى پەدازلىسا باشقىلارنى جەلپ قىلدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ تەبىئىي ھالدا كەڭ قورساق سىزگە شادلىق ۋە سەمىمىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىمۇ سىزگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.  ئەقىللىق دانىشمەن ئاياللار: بۇنداق ئاياللار سىز بىرەر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئامال تاپالمىغاندا سىزگە ياردەمچى بولۇپ، تەپەككۇرىڭىزنى كېڭەيتىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىز ياردەم بېرىپ سىزگە تۈرتكە بولىدۇ.  ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار: ناۋادا سىز بۇنداق ئايالنى ئۆزىڭىزگە جورا قىلسىڭىز ھەرگىز خاتا قىلغان بولمايسىز. بۇنداق ئاياللار سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ئىشىنىدۇ. شىجائىتىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزغا قول قويىدۇ. بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىڭىزدا سىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. شۇنداقلا سىز بىرەر نەتىجىگە ئېرىشسىڭىز كۆرەڭلەپ كەتمەيدۇ. سىز قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سىزگە ئىلھام بېرىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولدىغانلىقىنى، قەددىڭىزنى رۇسلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە مەدەت بېرىدۇ. 
ئۆزنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىلىدىغان ئاياللار: ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ ئوبراىنى قوغداپ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تۇرمۇشتا سىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. ھەمىشە ئىشنى ئەپچىللىك بىلەن قىلىپ سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ياخشى پەزىلىتىنى باشقىلار ماختايدۇ. باشقىلارمۇ سىزگە ئىشنىدىغان بولىدۇ. 
ئۆي تۇتۇشقا ماھىر ئاياللار: بۇنداق ئاياللار ئائىلىنىڭ كىرىمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. سىزنى تۇرمۇشتا غەم قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئالدى بىلەن پۇل كېتىدىغان ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن پۇلنى خەجلەيدۇ. ھەر ئايدا تىجەپ قالغان پۇلنى سىزگە دەپ قويىدۇ. ھەرخىل مەسئولىيىتى بار ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆينى ئىزچىل ياخشى تۇتىدۇ.  سۆز سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاياللار: بۇنداق ئاياللار سۆزلەش سەنئىتىنى بىلىدۇ. ئۇ شەخىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ گەپ قىلىدۇ. سىزنى ياخشى ئالاقە مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ. كىشلەرنى خاپا قىلمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان كىشىلەر ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ. ئۇ ھەمىشە دانالىق بىلەن سىزنىڭ مۇددىئايىڭىزنى قارىشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
مۇستەققىللىقى كۈچلۈك ئاياللار: بۇنداق ئاياللار ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ھەمدە بەزى كىچىك ئىشلاردا سىزنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭىزغا قاراپ تۇرمايدۇ. ھەمىشە سىزگە يۆلىنىۋالمايدۇ، مۇستەقىل ھالدا ئۆي ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرپ قىلىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئىدارىدىكى ئىشلىرىڭىز توغرىلىق باش قاتۇرىشىڭىزغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىدۇ. يىراق جايغا كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ سىزگە خەت يازغاندا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، سىزنى بەك سېغىنىدىغانلىقىنى يازىدۇ. زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئاياللار: بۇنداق ئاياللارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار يېڭى بىلىملەرنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ. كونىلىقنى ساقلىمايدۇ. ئۆزىنىڭ بىلىمىنى داۋاملىق مول قىلىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدىكەن دېگەن ھېسىياتقا كەلتۈرىدۇ. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ قالماستىن، يەنە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، ئىشلەش جەھەتتىمۇ زامانىۋى خىسلەتكە ئىگە بولۇپ، سىزگە ئۆزىنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۆزىنى تەبىئىي تۇتۇپ، سىزنى ئۆزىنىڭ دوستى، خىزمەتداشلىرىغا بىمالال تونۇشتۇرۇپ نەزەر دائىرىڭىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. 
مۇھەببەتتە ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان خاراكتېرى ناچار ھاكاۋۇر قىزلار؛ بۇنداق قىزلار ھەممە يەردە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ. نەتىجىدە يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.  ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەيدىغان قىزلار: گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. رەتلىك پاكىز كىيىنىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى قەدىرلەش روھىنىڭ ناماياندىسى، يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز سۆيگىنىنىڭ باشقىلاردىن چىرايلىق، نازاكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ خىل شەرتنى ھازىرلىيالمىغان قىزلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.
مۇكەممەللىككە ھەددىدىن تاشقىرى ئېسىلىۋالىدىغان قىزلار؛ بۇ خىل قىزلار يىگىتلەرگە >نۇقسانسىز بولۇش< تەلىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، بىرسىنى ئۇنداق، يەنە بىرسىنى مۇنداق دەپ ئالدى بىلەن يىگىتلەرنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ. ھېسىياتچان، خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان ياكى ئۆز بېشىمچى قىزلار: خەلقىمىز ئارىسىدا >ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ< دەيدىغان ماقال بار. يىگىتلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا مەلۇم ئارىلىق ساقلىمايدىغان ھېسىياتچان قىزلار يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك، مۇلايىملىقمۇ بىر خىل گۈزەللىك. قىزلارغا خاس مۇلايىملىقنى يوقاتقان، ھەدىسىلا يىگىتلەر بىلەن تاكاللىشىپ قالىدىغان قىزلارمۇ ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.  ھەددىدىن ئارتۇق تارتىنچاق قىزلار: بۇنداق قىزلار تارتىنچاقلىقنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىۋېلىش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.  مۇستەققىل تۇرمۇش قارىشنى يېتىلدۈرمىگەن قىزلار: مۇستەققىل ئىرادە تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بىر قىسىم قىزلار تۇرمۇشقا >بېقىندىلىق< كۆز قارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ھەمىشە يىگىتلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئوبيېكىتىپ ئەھۋالغا قارىتا مۇستەققىل ھالدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. بۇ خىل قىزلارمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

ئويغان قىرىنداش

ئويغان قىرىنداش
نۇرچۈشتى زىمىنغا ئويغان قېرىنداش، بولمىغىن غەپلەتتە شەيتانغا سىرداش. مىھرىبان ئاللاھنىڭ رەھمىتى كۆپتۇر، قايتايلى قۇرئانغا بولۇپ بىز دىلداش.
نۇرچۈشتى زىمىنغا ئويغان قېرىنداش، تەۋبە قىل بولمىغىن ئېرىمەس بىر تاش. پۇشايمان ئىلكىدە ئەيىت ئىستىقغار، دائىما قۇرمىسۇن كۆزلىرىڭدە ياش.
نۇرچۈشتى زىمىنغا ئويغان قېرىنداش، ئەسلىدە مۆمىنلەر بىرگە سەپەرداش. ئاشىق بوپ شەيتانغا ئادىشىپ يۈرمە، شەيتانغا شەيتانلار بولغۇسى يولداش.
نۇرچۈشتى زىمىنغا ئويغان قېرىنداش، قۇرئاننى ئۆزۈڭگە قىلغىن نۇر يولباش. يىپىلسا دەپتىرىڭ ئۆتمەيدۇ تۆۋبەڭ، دىمىگىن ئۆلمەستەك مەن تىغى بىر ياش.
ئاپتۇرى:سىر`سىز

كېسەللكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 36تەدبىرگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ

كېسەللكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 36تەدبىرگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ

1.ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاشتا ،كۈنىدە بىر ئستاكان سۈت كېرەك. 2.ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ياشانغانلار ،بالىلار ئاز يېيىشى كېرەك. 3.يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. 4.سەككىز خىل كۆكتاتتا زەھەرلىك ماددا بار،يەتتە خىل مېۋە،كۆكتات راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 5.ئاخشىمى ئىسسق سۇدا پۇت يۇيۇشنىڭ ئۈنۈمى دورا يىگەندىن ئارتۇق،سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇش سالامەتلىككە پايدىلىق. 6.كۈندە ئۈچ قېتم كۈلۈش كېرەك. 7.كۈندە يېرىم سائەت پىيادە مېڭىش كېەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،ساغلام بۇلۇشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل. 8.چىشنى ئۈچ ئۈچلۈك بويىچە چوتكىلاش ،مۇۋاپپىق ئاسراش لازىم . 9.چىشنى كاسىلدىتىپ چىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 10.مەقئەتنى قىسىپ بېرىش قەۋزىيەتنى تۈگىتىدۇ. 11.تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇپ قاننى جانلاندۇرۇش ،باش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر تال تارغاق سىزگە ھەمدەم بولىدۇ. 12.يېمەكلىكنى چۈشەندۈرۈشىگە قارىماي سېتىۋېلىش يول ماڭغاندا كۆزىنى ئېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ. 13.سەھەر تۇرۇپ بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ مېڭە،يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 14.ئامان بولاي دېسەڭ ،يەتتە ئۈلۈش تويۇنغان ۋە ئىسسىنغان ياخشى. 15.سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا بىراقلا تېز تۇرۇپ كەتمەسلىك سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 16.ئوڭ قولدا بىرنى ،سول قولدا بىرنى ،قاقماي يەتمىش يەتتىنى. 17.بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمدا تۇز زەھىرى بولىدۇ،ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ. 18.ھەر كۈنى ئون مىنۇت قول تۇتۇشقان ئەر –ئايال ئوتتۇرسىدىكى مېھىر–مۇھەببەت ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. 19.يۈرەكنى ئۆرنەك قىلىش ،ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 20.ئاياللار ھەيز توختاش مەزگىلىگە قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ،ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك. 21.يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈشتە ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل. 22.گۈرۈچ تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن ،ئۇنىڭغا باشقا رەڭدار دانلارنى قوشۇش كېرەك. 23. كۆكتات سېتىۋېلىپ ،ھېساب–كىتاپ قىلىشنىڭ ھوزۇرىدىن بەھرە ئېلىڭ. 24.كېسەللىك نېرى بولسۇن دېسىڭىز ،پۇتىڭىزنى ئۇۋلاڭ،ساغلام بۇلاي دېسىڭىز قۇلىقىڭىزنى ئۇۋلاڭ. 25.چارەك سائەت كۆز يۇمۇپ ئارام ئېلىش ئادەمنى قاتتىق راھەتلەندۈردۇ. 26.سەھەر تۇرۇپ چېنىقىش بەك خەتەرلىك،توخۇ بىلەن تەڭ تۇرۇشقا بولمايدۇ. 27.گۆشتىكى ئوزۇقلۇق پەرقلىق بولدۇ،گۆشىنى رەڭگىدىن پەرقلەندۈرمەي بولمايدۇ. 28.ئەرلەر يىغلىسا گۇناھ بولمايدۇ،ھەممىدىن بېسىمنى يەڭگىللىتىش مۇھىم . 29.جىددىيلىشىش ،تىت–تىت بۇلۇش كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ،روھىي تەڭپۇڭلۇق ئارام بېرىدۇ. 30.ئىستاكانغا يېرىم ئىستاكان چاي قۇيۇڭ ،ئىچىپ بۇلۇپ ئورنىڭىزدىن يەنە تۇرۇڭ. 31.كەچ سائەت ئوندىن سەھەر سائەت ئالتىگىچە ئۇيقۇ–ئارامنىڭ ئوبدان پەيتى. 32.يىگرمە خىل يېمەكلىكنى يەپ بېرىش ،خىلى كۆپ ،مىقدارى مۇۋاپپىق بۇلۇش . 33.پەللە ئۇۋلاپ بېرىلسە ،تەن ساغلام بۇلىدۇ. 34.ھاراق ئىچكەندە 25،100،ۋە 300رەقەملىرىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. 35.تاماقتىن ئىلگىرى بىر قاچا كۆكتات شورپىسى ئىچىلسە ،يېمەكلىك مىقدارىنى تىزگىنلەپ ،سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 36.پۇتنى مىدىرلىتىپ بېرىش قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەنبە–ھاياتلىق 2007–يىللىق 5–سانى .